20 ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن: _ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى ئۇ.
ئۇ قاچقان ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.
ئابنېر: _ مېنى قوغلاشتىن توختىغىن، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋالغىن، _ دېدى. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى.