19 ئۇ قاچقان ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.
ئوڭ، سولغا چەتلىمەي، ئالغا باسقىن، يىراق تۇت پۇتلىرىڭنى يامانلىقتىن.
يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.
ئابنېر: _ مېنى قوغلاشتىن توختىغىن، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋالغىن، _ دېدى. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى.
سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەڭلار!
سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاسائېلمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى.
ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن: _ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى ئۇ.
ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.
ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلغانىدى.