15 شۇنداق قىلىپ، ئىشبوشەت بىنيامىن قەبىلىسىدىن 12 ئادەم چىقاردى. داۋۇت تەرەپمۇ 12 ئادەم چىقاردى. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئېلىشتى.
نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.
ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ يىگىتلەردىن بىرقانچىسى چىقىپ ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى. _ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب.
ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ باشلىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى.