Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يوئاب ئۆيگە كىرىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ، ئاياللىرىنىڭ ۋە توقاللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بارلىق ئادەملەرنى خىجالەتچىلىككە قويدىلا.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:5
9 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ


شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا ئىلتىجا قىلغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن ئىنتايىن رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭ.


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


بۇ چاغدا پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ: _ ئاھ ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.


سىلى ئۆزلىرىگە ئۆچ ئادەملەرگە ئامراق، ئامراق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلا. بۈگۈن سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىلا. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر بۈگۈن ئابسالوم ھايات قېلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولساق، سىلى خۇشال بولىدىكەنلا.


داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»


داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى.


ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite