سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى43 ئۇلار: _ پادىشاھلىقىمىزدىكى ئون ئىككى قەبىلىنىڭ ئونى بىز تەرەپتە. شۇڭا بىزنىڭ پادىشاھ داۋۇتتا سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەققىمىز بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ يەنە كېلىپ، پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېتەيلى دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟ _ دېيىشتى. مۇنازىرە جەريانىدا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى باشقا ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا كەسكىن بولدى. Gade chapit la |
شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە باشقا دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. لېكىن بىز ئابسالومنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدۇق، شۇڭا داۋۇت ئابسالومدىن قېچىپ، يۇرتىدىن كېتىپ قالدى. ئەمما ھازىر ئابسالوم ئۆلدى. نېمىشقا ئەمدى داۋۇتنىڭ قايتىپ كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايمىز؟» دېيىشتى.