Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37 ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگەيلا. مانا، بۇ يەردە ئوغلۇم كىمھام تۇرۇپتۇ، ئۇ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولسۇن. ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغايلا. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسىلە، شۇنداق مۇئامىلە قىلغايلا! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:37
15 Referans Kwoze  

ئۇلار مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار بەيتلەھەم شەھىرىنىڭ يېنىدىكى گېرۇت-كىمھام دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا توختىدى.


گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلدى.


پادىشاھ دەريادىن ئۆتۈپ، گىلگالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كىمھاممۇ پادىشاھ بىلەن بىرگە ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇنى ۋە ئابسالومغا ئەگەشكەن باشقا ئىسرائىللارنىڭ قوشۇنىنىڭ يېرىمى پادىشاھقا ھەمراھ بولدى.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.


ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.


مەن ساڭا: ‹غىزا يېيىشكە، ئۇسسۇلۇق ئىچىشكە بولمايدۇ› دېگەن بولساممۇ، سەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىپ، غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچتىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ»، _ دېدى.


مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.


ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلادىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى.


كېيىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالدى. لېكىن خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ.


مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىل، _ دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا: _ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى.


مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىرئاز ھەمراھ بولاي دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن.


پادىشاھ: _ كىمھام مەن بىلەن بىرگە دەريادىن ئۆتسۇن. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمنى خالىسىڭىز، شۇنداق مۇئامىلە قىلاي. مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى.


ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite