36 مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىرئاز ھەمراھ بولاي دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن.
باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.
مەن 80 ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن، مەن يەنە نېمىدەپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟
ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن قايتىپ كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگەيلا. مانا، بۇ يەردە ئوغلۇم كىمھام تۇرۇپتۇ، ئۇ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولسۇن. ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغايلا. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسىلە، شۇنداق مۇئامىلە قىلغايلا! _ دېدى.
ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.
ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.