34 لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: _ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟
ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ.
قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز قىستۇر. بۇندىن كېيىن، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلسۇن.
ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا، مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ، تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم.
پادىشاھ بارزىللايغا: _ دەريادىن مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈپ، يېرۇسالېمغا بېرىڭ، ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى.