3 ئۇلار شەھەرگە خۇددى جەڭگاھتىن شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەلگەن لەشكەرلەردەك جىمجىت كىرىپ كېلىشتى.
ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم بولۇپ، 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.
داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغدا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى.
نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا دېگەن بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم داپ ۋە لىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى جەڭ غەلىبىسى قايغۇغا ئايلاندى.
بۇ چاغدا پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ: _ ئاھ ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.