29 پادىشاھ: _ ئۆزۈڭ توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ يېتەرلىك بولدى، سائۇلنىڭ زېمىنى زىبا ئىككىڭلارغا تەۋە بولسۇن، دېدى.
بىراق، تالاش-تارتىشىڭلار دىنىي قانۇنۇڭلاردىكى بەزى ئىسىملار ۋە سۆزلەر توغرىسىدا ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار. مەن بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سوراق قىلمايمەن! - دېدى.
سۆزنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى، چاندۇرۇپ ئەخمەقلىقىنى، قالدۇرار خىجالەتتە ئۆزىنى.
باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ، كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ.
«ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟ رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ سېلاھ
سائۇلنىڭ جەمەتىنىڭ زىبا ئىسىملىك بىر غوجىدار بار ئىدى. ئۇنى داۋۇتنىڭ يېنىغا چاقىرتىپ كېلىشتى. _ سەن زىبا بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭدىن. _ ھەئە ئالىيلىرى، مەن بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
پادىشاھ داۋۇت سائۇلنىڭ غوجىدارى زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتكە بەردىم.
بوۋامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۆزلىرى ماڭا داستىخانلىرىدىن تائام يېيىش ئىمتىيازىنى بەرگەنىدىلە. مېنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە سوراشقا يەنە نېمە ھەققىم بولسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەردى.
مىفىبوشەت: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئوردىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە. ھەممە زېمىننى زىبا ئالسۇن، _ دېدى.
_ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت ئۇنىڭغا.