Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ۋە شىمئىگە قاراپ قەسەم ئىچىپ: _ سەن ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمەيسەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:23
9 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا بۇيرۇق قىلدى، ئۇ چىقىپ شىمئىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى، _ دېدى.


ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم ئىسپات ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ.


داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى.


_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.


سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا بارغانىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تارتىپ تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە پۇتلىرىنى، كىيىملىرىنى يۇيمىغان ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى.


سائۇل: _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت ئاتا قىلغان كۈن، _ دېدى.


پادىشاھ داۋۇت: _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنى مېنى قاغاشقا ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى توسقۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite