21 بۇ چاغدا مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي: _ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى قارغىغان شىمئى ئۆلتۈرۈلسۇن، _ دېدى.
كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.
داۋۇت ئابىشايغا: _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. شىمئى تاغ باغرىدا ماڭدى. ئۇ يول بويى داۋۇتنى قارغاپ ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا تاش ئاتتى، توپا چاچتى.
پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى.
ئۇ ئادەملىرىگە: _ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشتىن، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىسۇن. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھتۇر، _ دېدى.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھ داۋۇتقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتنىڭ سىلىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويىمىز؟ مەن بېرىپ، ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئالاي، _ دېدى.
ئىلاھىم، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا، نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا.
پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.