Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر پادىشاھقا: «ھەممە ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلسىلە» دەپ خەۋەر بېرىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:14
8 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى.


خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.


مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان بولسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھىبروندىكى داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.


ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا: _ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل ۋە ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite