Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 19:13
13 Referans Kwoze  

ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى.


ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،


سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.


شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى بولغان ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي: _ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغۇچىلارغا تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! ھەقىقەتەن خۇدا ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىدى.


يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە: _ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا ئۇنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى.


_ سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جانجىگەر تۇغقىنىم! _ دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى.


ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھىبروندىكى داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.


شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا: _ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل ۋە ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite