12 سىلەر مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىنداشلىرىم تۇرۇقلۇق، نېمىشقا مېنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە سۇسلۇق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھىبروندىكى داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.
بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىمىز.
_ سىلەر شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرىغا: «ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يېرۇببائال، يەنى گىدئوننىڭ 70 ئوغلىنى خالامسىلەر ياكى بىر كىشىنىمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئابىمەلەكمۇ سىلەرنىڭ قان قېرىندىشىڭلار!» دەڭلار، _ دېدى.
ئادەم مۇنداق دېدى: _ مانا ئەمدى سۆڭىكى سۆڭىكىمدىن، گۆشى گۆشۈمدىن ئېلىنغان بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئەر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر.
بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن.
_ سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جانجىگەر تۇغقىنىم! _ دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى.
لېكىن ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئادەملىرى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن دەريادىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى.
يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا: _ پادىشاھ داۋۇت بىزنىڭ قەبىلىمىزدىن بولغاچقا، شۇنداق قىلدۇق. سىلەر نېمىدەپ بۇ ئىشقا خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭ يەيدىغانلىرىدىن بىر نەرسە يەپتۇقمۇ؟ ياكى پادىشاھ بىزگە بىرەر ئىنئام بېرىپتىمۇ؟ _ دېدى.
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى،