1 يوئابقا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئابسالوم ئۈچۈن ھازا ئېچىپ، ياش تۆكۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى.
يوئاب جاۋابەن: _ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى ۋە قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم پىستە دەرىخىدە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ تېخىچە ھايات ئىدى. يوئاب ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەيزىلەرنى تىقتى.
ئۇ يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا: _ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى.
ئازابقا سالار ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسىنى، دەرد-ئەلەمگە قويار ئانىسىنى.
پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.
_ ياق، _ دېدى يوئاب، _ بۈگۈن خەۋەر يەتكۈزمىگىن، باشقا كۈنى يەتكۈزگىن. بۈگۈن بارما، چۈنكى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلدى.
ھېلىقى ئادەم يوئابقا مۇنداق دېدى: _ ماڭا ھەتتا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەرسىلىمۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ ئابىشاي، ئىتتاي ۋە سىلىگە: «مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىغانمىز.
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى جەڭ غەلىبىسى قايغۇغا ئايلاندى.
مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.
ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ بولدى قىلمىدى. ئۇ: _ مەن تاكى ئۆلگۈچە ئوغلۇمغا قارىلىق تۇتىمەن! _ دېدى. ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھازا تۇتتى.