8 جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى پالاكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى.
بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.
ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى.
ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.
ھايات قالغانلىرى ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈردى. بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋان تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى.
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ كۈنى ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ ئىدى.
ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى.
ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.
چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟