7 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ كۈنى ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ ئىدى.
ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.
سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ بىر كۈننىڭ ئىچىدە يەھۇدىيەنىڭ خىللانغان 120 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.
ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى.
ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئادەملىرىڭگە قېرىندىشىڭلارنى قوغلىماڭلار، دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، ئابنېر باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى.
جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى پالاكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى.
سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن، بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن.