Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 18:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 18:3
8 Referans Kwoze  

ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان! ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق! پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن. مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.


پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.


ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغىلا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى.


ھازىر ئۇ ھېرىپ-چارچىغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ئەھۋالدىدۇر. مەن مۇشۇ چاغدا ھۇجۇم قىلسام، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۆلتۈرىمەن.


يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.


قىز-چوكانلار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ قوشاققا قېتىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite