16 يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن يوئاب بۇرغا چېلىۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى ۋە ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى.
جەڭ كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، ھېچكىم جەڭگە ھازىرلانمايدىغۇ؟
ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
ئابىمەلەكنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتتى.