15 ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
يوئاب جاۋابەن: _ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى ۋە قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم پىستە دەرىخىدە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ تېخىچە ھايات ئىدى. يوئاب ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەيزىلەرنى تىقتى.
يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى.
سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»
ئىسرائىللارنىڭ سۆزلىرى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: «پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنى ئوردىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش ھەققىدە سۆزلىشىۋېتىپتۇ. لېكىن سىلەر بۇ ئىشتا نېمىشقا ئۇلارنىڭ كەينىدە قالدىڭلار؟
گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟
كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.
كۆزلەر رەزىل پەقەت ئىسيان كۆتۈرۈشنى، شۇڭا ئەۋەتىلەر ئۇنىڭغا رەھىمسىز ئەلچى.
قان تۆكۈپ ۋىجدان ئازابى تارتقۇچى قېچىپ يۈرەر ئۆلگۈچە، قىلمىسۇن ئۇنى ھېچكىم ھىمايە.
كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ، كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ.