Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 18:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ يوئابقا: _ مەن ئابسالومنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 18:10
6 Referans Kwoze  

سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشايتتى.


ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى.


يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە: _ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا ئۇنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى.


شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ.


ئەجەبا ئادالەتسىزلەرگە ئاپەت، رەزىللەرگە بالا-قازا بەرمەسمۇ؟


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite