1 داۋۇت ئادەملىرىنى يىغىپ، مىڭ بېشى ۋە يۈز باشلىرىنى تەيىنلىدى.
بەزىلىرىنى مىڭ بېشى، بەزىلىرىنى ئەللىك بېشىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرىنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، شۇنداقلا قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا سالىدۇ.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە يوشۇۋا لەشكەرلىرىنى سەپكە تىزدى. ئاندىن يوشۇۋا ئىسرائىل ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە ئۇلارنى باشلاپ ئاي شەھىرىگە ئاتلاندى.
مۇسا يوشۇۋاغا: _ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى.
ئۇ پۈتۈن ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى.
لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ،
سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟
خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.
لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن سوراپ بولغاندىن كېيىن، سەركەردىلەرنى تەيىنلىسۇن.