Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەردۇر. ئۇلار ھازىر خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىلىرى تەجرىبىلىك بىر جەڭچى بولۇپ، ئۇ كېچىدە لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياتمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:8
20 Referans Kwoze  

مەن سىلەرگە خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئېتىلىپ، تېنىڭلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن. شۇنداق، مەن سىلەرنى شىردەك يۇتۇۋېتىمەن، ياۋايى ھايۋانلاردەك تىتىۋېتىمەن.


_ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ لىرا چېلىشقا ماھىر، جەڭدە باتۇر، يۈرەكلىك، سۆزدە دانا، قىياپىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىكەن، _ دېدى بىر خىزمەتكار.


ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. ئۇ ئۈچ تال قوۋۇرغىنى چىشلىۋالغانىدى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى.


ئۇچراپ قالغاندىن ھاماقەتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىشىغا، ياخشىراقتۇر ئۇچراپ قېلىش كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا.


يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.


ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا جاڭگالدىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42سىنى تىتىپ تاشلىدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى، يەنى يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.


ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:


قالغانلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملەر ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار داۋاملىق مېڭىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.


شۇڭا سىلەر ئۇنىڭ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ، ماڭا ئېنىق ئۇچۇرنى بېرىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر داۋۇت ئۇ يەرلەردە بولسىلا، ئۇنى پۈتۈن يەھۇدالار ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا تېشى بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى.


_ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر.


بەلكىم ئۇ ھازىر بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرسە، بۇنى ئاڭلىغانلار «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپ كېتىپتۇ» دېيىشى مۇمكىن.


«ئوخشايتتى ئاناڭ نېمىگە؟ ئوخشايتتى ئۇ شىرلار ئارىسىدىكى ئانا شىرغا، بالىسىنى باقاتتى ئۇ، يېتىپ ياش شىرلار ئارىسىدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite