7 خۇشاي مۇنداق دېدى: _ ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسلىھەتى ياخشى بولماپتۇ.
ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلار ئۈچۈن سۆزلىگىن، ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن ئاغزىڭنى ئاچقىن.
ئاخىتوفەل: _ سىلى ئاتىلىرى ئوردىغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن توقاللار بىلەن بىر ئورۇندا ياتسىلا. شۇنداق قىلسىلىرى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى سىلىنىڭ ئۆز ئاتىلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقلىرىنى ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سىلىنى قوللىشى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ، _ دېدى.
خۇشاي ئابسالومنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئابسالوم ئۇنىڭغا ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن: _ بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلساق بولارمۇ؟ سەنمۇ پىكرىڭنى دەپ باقساڭ، _ دەپ سورىدى.
داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
ناۋادا سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغانىدىم، ئەمدى سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى ماڭا ياردەم قىلالايسەن.