26 ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار گىلئادتا بارگاھ تىكتى.
يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. (ماناسسەنىڭ چوڭ ئوغلى ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باتۇر جەڭچىلەردىن بولغاچقا، گىلئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى ئۇلارغا بۇرۇنلا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.)
ماناسسە قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان گىلئادنى ماكىر جەمەتىگە بەردىم.
ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى.
داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى.