سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى. Gade chapit la |
ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇ تىنچ زاماندىمۇ خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى.
داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.)