2 ھازىر ئۇ ھېرىپ-چارچىغان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن ئەھۋالدىدۇر. مەن مۇشۇ چاغدا ھۇجۇم قىلسام، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىلا ئۆلتۈرىمەن.
ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغىلا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى.
پادىشاھ داۋۇت ۋە ھەمراھلىرى مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشىپ، شۇ يەردە دەم ئېلىشتى.
پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، - دېدى.
بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - بۈگۈن كېچە ھەممىڭلار مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغان ئىشلار سەۋەبلىك مېنى تاشلاپ كېتىشىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا: «قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، پادىدىكى قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان! ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق! پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن. مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.
لېكىن، ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ.
ئۇلار سىلەرنىڭ ھېرىپ، ھالىڭلاردىن كەتكەن ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارغا ھۇجۇم قىلدى، خۇدادىن قورقمىدى.
ئاخىتوفەل ئابسالومغا يەنە: _ ئىجازەت بەرسىلىرى، 12 مىڭ ئادەمنى تاللاپ، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىپ، داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باراي.
ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكىدەك رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.»