Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئابسالوم ۋە يېنىدىكى ئىسرائىللار: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئاخىتوفەلنىڭ پادىشاھقا بەرگەن مەسلىھەتىنى بۇزۇپ، ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:14
25 Referans Kwoze  

ناۋادا سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغانىدىم، ئەمدى سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى ماڭا ياردەم قىلالايسەن.


پۇختا ئۇرۇش پىلانى تۈزۈۋېرىڭلار، ئەمما ئۇ كارغا كەلمەيدۇ. بۇيرۇق چۈشۈرۈۋېرىڭلار، بىراق ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر.


ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.


كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر، لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر.


داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.


چۈنكى، خۇدانى تونۇمايدىغانلار نېمىنى دانالىق دەپ ھېسابلىسا، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ خىل «دانالىق» ئەقىلسىزلىقتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا بۇنداق دانالار توغرىسىدا: «خۇدا ئۆزلىرىنى دانا دەپ سانايدىغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسىتىدۇ» دەپ يېزىلغان.


باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك.


ئەگەر ئىگىمىز بۇيرۇمىغان بولسا ئۇنى، ئەمەلگە ئاشسۇن كىمنىڭمۇ سۆزى؟


ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.


ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.


ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن.


ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار، يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. خىگگائون سېلاھ


لېكىن ئامازيا خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن يىھوئاشنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچىدى.


پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.


لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.


بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن سېنى پىرئەۋن قىلىپ تىكلىدىم.


لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزى بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:


دۈشمەنلىرىمىز بىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدا پىلانىمىزنى بۇزۇۋەتتى دەپ چۈشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ، سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولدۇق.


يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا، پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا.


پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.


پادىشاھ رىخوبئام خەلقنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.


ئۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يوق قىلىۋېتىپ، سوراقچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite