Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بۇ چاغدا پادىشاھ داۋۇت مەيلى قەيەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، بىز خۇددى يەر يۈزىگە چۈشكەن شەبنەم پۈتۈن زېمىننى قاپلىغاندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارىمىز. داۋۇتنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمىز.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:12
8 Referans Kwoze  

تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدايدۇ. سېنىڭ پايتەختىڭ قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭ ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سەن كۆڭلۈڭدە: ‹كىم مېنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەپ ئويلايسەن.


ياقا يۇرتلاردا قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن. پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.


سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن شەرتلىشەيلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بەرسەك، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تاپالامسىلەر؟


بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.


شۇڭا سىلەر ئۇنىڭ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ، ماڭا ئېنىق ئۇچۇرنى بېرىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر داۋۇت ئۇ يەرلەردە بولسىلا، ئۇنى پۈتۈن يەھۇدالار ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.


سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.


ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite