Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇ چاغدا ھەتتا شىر يۈرەك قەھرىمانلارمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتىلىرىنىڭ ماھىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 17:10
17 Referans Kwoze  

دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈردى، قىلىچتىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


قاراڭلار، ئۇ سۇلايماننىڭ تەختىراۋانىدۇر، ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئاتمىش پالۋان ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرلىرىدۇر.


قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.


سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى. ھايات چېغىدىمۇ، ئۆلگەندىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققان، شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى!


سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.


ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى.


ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر، موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار. كەنئانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،


يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ. ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا. سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا، كىممۇ جۈرئەت قىلار ئويغىتىشقا؟


بەلكىم ئۇ ھازىر بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرسە، بۇنى ئاڭلىغانلار «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپ كېتىپتۇ» دېيىشى مۇمكىن.


بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە: «مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم، ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.


قورقۇنچتىن خەلقىمنىڭ يۈرەكلىرى يېرىلسۇن، كۆپلىرى ھالاك بولسۇن. شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئۇ قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇ چاقماقتەك پارقىرايدۇ، قىرغىنغا تەييار تۇرىدۇ.


_ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ لىرا چېلىشقا ماھىر، جەڭدە باتۇر، يۈرەكلىك، سۆزدە دانا، قىياپىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىكەن، _ دېدى بىر خىزمەتكار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite