Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھ داۋۇتقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتنىڭ سىلىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويىمىز؟ مەن بېرىپ، ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئالاي، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:9
13 Referans Kwoze  

كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.


_ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ.


ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بەك خاپا بولۇپ: _ سېنىڭچە مەن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ لالما ئىتى ئىكەنمەن-دە؟ مەن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ جەمەتىڭلارغا، يەنى ئاتاڭ سائۇلغا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن مېنى بىر خوتۇن ئۈچۈن ئەيىبلەۋاتىسەن.


ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقىپتۇ؟ سىلى كىمنى قوغلاپ يۈرىلا؟ ئۆلۈك ئىتتەك ياكى كىچىككىنە بۈرگىدەك ئەرزىمەس مېنىمۇ؟


بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.


پاۋلۇس: - مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۇنىڭ باش روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق دېمەيتتىم. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلىدىغان باشلىققا تۆھمەت قىلما!» دېيىلگەن، - دېدى.


ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنسەك قانداق دەيسىز؟ - دېدى.


ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلغانىدى.


بۇ چاغدا مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي: _ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى قارغىغان شىمئى ئۆلتۈرۈلسۇن، _ دېدى.


لېكىن داۋۇت: _ ئى زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، كىم سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى سوراپتۇ؟! بۈگۈن خۇددى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلىۋاتىسىلەر، مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرمەن. بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite