5 پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى.
مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ، يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا: _ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى.
ئۇ داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى.
كۇپۇرلۇق قىلماڭلار، خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى قارغىماڭلار.
لېكىن بىر قېتىم ئۇلارنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابسالومغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى دەرھال ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باخۇرىمدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇلار شۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدى.
ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ.
پادىشاھنى ھەتتا خىيالىڭدىمۇ تىللىما، باينى ھۇجراڭدىمۇ تىللىما، چۈنكى قۇشلار سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويۇشى، ئۇچار-قاناتلىقلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى دەپ قويۇشى مۇمكىن.
قۇشقاچ ئۇچۇپ، قارلىغاچ قانات قاققاندەك، سەۋەبسىز قارغاشمۇ كىشىگە تەگمەس.
مەيلى ئۇلار ئوقۇۋەرسۇن لەنەت ماڭا، بىراق سەن ئاتا قىلىسەن بەخت ماڭا. ھۇجۇم قىلسا ئۇلار خىجالەتتە قالار، ئەمما مەنكى قۇلۇڭ شادلىققا تولار.
چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا، ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا.
پادىشاھ داۋۇت ۋە ھەمراھلىرى مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشىپ، شۇ يەردە دەم ئېلىشتى.
پادىشاھ: _ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى. زىبا: _ ئالىيلىرىغا تەزىم قىلاي، ھەر دائىم ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دېدى.
ئۇ پادىشاھ داۋۇت، ئادەملىرى ۋە قوغدىغۇچى لەشكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى ۋە
كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم، ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم.
چۈنكى ئۇلار پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىشىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇلار نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ناۋادا ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى مەن رەھىمدىلدۇرمەن.
ئارابالىق ئابى-ئالبون، باخۇرىملىق ئازماۋەت،
سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمئىنىڭ ئوغلى، شىمئى بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى.
خۇدا كۈچۈمنى كەستى، مېنى يەرگە ئۇردى، شۇڭا ئۇلار مەندىن تەپ تارتمايدۇ.