4 پادىشاھ: _ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى. زىبا: _ ئالىيلىرىغا تەزىم قىلاي، ھەر دائىم ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دېدى.
ھەق بىلىنەر ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى داۋادا، قارشى تەرەپ كېلىپ سوئال قويۇپ تەكشۈرگىچە ئۇنىڭغا.
سۆزنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى، چاندۇرۇپ ئەخمەقلىقىنى، قالدۇرار خىجالەتتە ئۆزىنى.
بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس.
_ بىر ئادەمنىڭ جىنايەت ياكى گۇناھ سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ھۆكۈم قىلماڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار.
پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.
يوئاب يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا بەخت تىلىدى ۋە: _ پېقىر بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلدىم، چۈنكى پادىشاھىم تەلىپىمنى ئورۇندىدى، _ دېدى.
تىقوۋالىق ئايال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!
سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ.
پادىشاھ داۋۇت سائۇلنىڭ غوجىدارى زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە تەۋە بولغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتكە بەردىم.
پادىشاھ يەنە: _ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى. زىبا: _ مىفىبوشەت يېرۇسالېمدا قالدى. ئۇ بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى.
يەنە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا مېنى قارىلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ ئالىيلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇنداق قىلغايلا.
_ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن ساڭا پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ داۋۇت.