Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پادىشاھ زىبادىن: _ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىشقا ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. زىبا: _ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:2
13 Referans Kwoze  

يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار بولۇپ، بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەرلەر «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار ئويلاڭلار.


خەلق: «بۇنىڭ مەنىسى نېمە، بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟» دەپ سورىسا،


مىفىبوشەت: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، پېقىرلىرى توكۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىزمەتكارىم زىباغا: «ئېشەكنى ئىگەرلە، مەن ئېشەككە مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىرگە كېتىمەن» دېگەنىدىم. لېكىن ئۇ مېنى ئالداپلا قالماستىن،


داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقتىدا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، قىدرون جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئابسالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە 50 چاپارمەن ھازىرلىدى.


ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز.


ئەمما كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: _ ئاتىڭىز خەلقنى قاتتىق قەسەم قىلدۇرۇپ: «بۈگۈن ھەرقانداق نەرسە يېگەن ئادەم قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى، شۇڭا بىز ھېرىپ، ھالىمىزدىن كەتتۇق، _ دېدى.


ئەساۋ يەنە: _ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.


ئابىمەلەك ئۇنىڭدىن: _ نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite