Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 داۋۇتنىڭ دوستى، يەنى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:16
13 Referans Kwoze  

باش روھانىي يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.


سامۇئىل خەلققە: _ پەرۋەردىگار تاللىغان ئادەمنى ئەمدى كۆردۈڭلارمۇ؟ خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق: _ ياشىسۇن پادىشاھ! _ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.


بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئەبىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ.


ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا!


شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ پادىشاھ دارىئوس، ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا!


خان ئانىسى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ كەتمىسىلە، چىرايلىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىسىلە!


ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى.


ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاڭلار.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىردى.


ناۋادا سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغانىدىم، ئەمدى سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى ماڭا ياردەم قىلالايسەن.


داۋۇت تاغنىڭ ئۈستىگە، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.


ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite