سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر! Gade chapit la |
پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.