Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پادىشاھ داۋۇت تاغدىن ئەمدىلا ئېشىشىغىلا مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبانى ئۇچراتتى. زىبا ئېگەرلەنگەن ئىككى ئېشەكنى يېتىلىۋالغان بولۇپ، ئېشەكلەرگە ئىككى يۈز نان، يۈز ئوچۇم كىشمىش، بىر تۇلۇم شاراب ۋە يازلىق مېۋىلەر ئارتىلغانىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 16:1
17 Referans Kwoze  

ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، بىر خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم ئەنجۈر قېقى تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ،


داۋۇت تاغنىڭ ئۈستىگە، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا مەن بىر سېۋەت پىشقان مېۋىنى كۆردۈم.


شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر يەھۇدىيە زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار زېمىندا ماكانلىشىپ، ئۈزۈم ۋە يازلىق مېۋىلەردىن ھوسۇل ئالدى.


ماڭا كەلسەك، مەن مىزپاھتا تۇرۇپ، بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان بابىللىقلار ئالدىدا سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىمەن. سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلار ئىگىلىگەن شەھەرلەرگە ماكانلىشىڭلار. ئۈزۈملەر، يازلىق مېۋىلەر ۋە زەيتۇنلاردىن ھوسۇل ئېلىپ ساقلاڭلار.


ئۇلارغا ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا زور مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك، يەنى ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى ئارتىپ ۋە كالا، قويلارنى ھەيدەپ ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.


ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم بولۇپ، 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.


داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى.


يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى.


سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، يەنە ئالدىغا مېڭىپ، تابوردىكى دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بەيتەلگە ماڭغان ئۈچ ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچ ئوغلاق، يەنە بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب ئېلىۋالغان بولۇپ،


ھالىمغا ۋاي! يازنىڭ مېۋىلىرى يىغىلىپ بولغان، ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ تۈگىگەن، يېگىلى ھېچقانداق ئۈزۈم تاپالمىغان، كۆڭلىدە ئارزۇ قىلغان تۇنجى پىشقان ئەنجۈرمۇ قالمىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم.


سوۋغات ئاچار كىشىگە ئاسانلىق ئىشىكىنى، باشلاپ بارار چوڭ ئەربابلارنىڭ ئالدىغا ئۇنى.


ئۇنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سائۇل ئائىلىسىنىڭ غوجىدارى زىبا، ئۇنىڭ 15 ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا تېزدىن يېتىپ بېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite