9 پادىشاھ: _ بارغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى.
مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى.
بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە ئادەملىرىنى مەخپىي ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى.
يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى.
_ ئامان-ئېسەن بولغىن، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى.
داۋۇت ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ: _ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم. ئەمدى ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئامان-ئېسەن بولۇڭ، _ دېدى.