سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى. Gade chapit la |
ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!