7 تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا: _ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىز!
قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتتىڭلار، لېكىن روزا تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنىلا جەڭگى-جېدەل قىلىپ، قەبىھلىك بىلەن ئادەم ئۇرىسىلەر. سىلەرنىڭ بۇنداق روزا تۇتۇشىڭلار ئاۋازىڭلارنىڭ ئەرشكە يېتىپ بېرىشىغا مۇمكىنچىلىك بېرەمدۇ؟
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەڭلار. تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» دەپ، ئۇلارنى بەيتلەھەمگە يولغا سالدى.
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.
سامۇئىل داۋۇتنىڭ بېشىغا ئاكىلىرى ئالدىدا مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، داۋۇتقا پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.
داۋۇت ھىبروندا بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. تۇنجى ئوغلى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون،
ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،