6 ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.
بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ.
مانا، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئۇ يىگىتكە ئەگەشكەنلىكىنى كۆردۈم.