5 بىرەرسى كېلىپ، ئابسالومغا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ قوياتتى.
يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابسالومنى چاقىرتتى. ئابسالوم پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئابسالومنى قۇچاقلاپ سۆيدى.
شۇڭا ئىشىنىپ كەتمە ئۇ مۇلايىم سۆزلىگەندە، چۈنكى يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر ئۇنىڭ قەلبىدە.
سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.
سەن مېنى ھال-ئەھۋال سوراپ، سۆيۈپ كۈتۈۋالمىغانىدىڭ. لېكىن، ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈۋاتىدۇ.
يوئاب ئاماساغا: _ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى.