Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:31
23 Referans Kwoze  

ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.


ئابسالوم ۋە يېنىدىكى ئىسرائىللار: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئاخىتوفەلنىڭ پادىشاھقا بەرگەن مەسلىھەتىنى بۇزۇپ، ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش قارارىغا كەلگەنىدى.


بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەپەككۈرىگە خاس بولغان بۇنداق «ئەقىل-پاراسەت» خۇدادىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن كەلگەن.


ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.


ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.


ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟


نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.


ھىيلىگەرلەرنىڭ ھىيلىسىنى بۇزۇپ، ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ.


ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھتىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پادىشاھ داۋۇتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلارنىڭ كۈچىمۇ زورىيىپ باردى.


«سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.


مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.


نەپرەتلىك سۆزلىرى ئالدى مېنى قورشاۋغا، سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ماڭا.


دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار، بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم. ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر، بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم.


مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.


ئابسالوم: _ ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاينىمۇ چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى، _ دېدى.


خۇشاي مۇنداق دېدى: _ ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسلىھەتى ياخشى بولماپتۇ.


قاراۋۇللۇق قىلار ئۇلار كېچە-كۈندۈز، ئايلىنىپ يۈرۈپ شەھەر سېپىلىنى. ۋاھالەنكى، قاپلىغان شەھەرنى جىنايەت ۋە شۇملۇق، ئۆز ئىلكىگە ئالغان زۇلۇم، ھىيلە ۋە بۇزۇقچىلىق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite