Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 پادىشاھ يەنە روھانىي زادوققا: _ سەن ئەھۋالنى چۈشىنىسەن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاس، روھانىي ئەبىياتار ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان بىرلىكتە شەھەرگە تىنچ-ئامان قايتىپ كېتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:27
11 Referans Kwoze  

بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.


ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)


ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى پەيغەمبەر گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار:


ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاخىمائاز بىلەن يوناتانمۇ شۇ يەردە، ئۇلار ئۇچۇرلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزىدۇ، _ دېدى.


ناۋادا سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ بېرىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغانىدىم، ئەمدى سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى ماڭا ياردەم قىلالايسەن.


لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىدۇ. شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بىزگە ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى ئېيتىپ بېرەر، _ دېدى.


شۇ پەيتتە روھانىي ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا: _ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى.


ئاخىمائاس (سۇلايماننىڭ قىزى باسماتنىڭ ئېرى)، ئۇ نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.


ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاس،


زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا: _ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite