Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 پادىشاھ داۋۇت زادوققا: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ كېتىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:25
19 Referans Kwoze  

ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ، خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ.


بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.


ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.


مېھرىڭ بىلەن يېتەكلەيسەن قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭنى، مۇقەددەس ماكانىڭغا باشلاپ كېلىسەن قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنى.


سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! شۇڭا بىز ئامان-ئېسەن بولىمىز!› دېگەن يالغان سۆزلەرگە ئىشەنمەڭلار.


شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى.


پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۆيى سەندە بولغاچقا، ئەي يېرۇسالېم، بەخت تىلەيمەن ساڭا.


شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»


بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.


ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ.


شۇنداق ئىكەن، ھەمىشە سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، داۋاملىق سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite