Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 داۋۇت ئادەملىرى بىلەن ئايرىلىدىغان ۋاقتىدا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، قىدرون جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:23
12 Referans Kwoze  

پادىشاھ زىبادىن: _ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىشقا ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. زىبا: _ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇئانى قىلغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى كىدرون ۋادىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئۇ باغچىگە كىردى.


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى، _ دېدى.


خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.


يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.


چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ دەپ توۋلايدۇ.»


شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ،


روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋەتتى.


ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ياغاچتىن ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ يىرگىنچلىك بۇتنى يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.


داۋۇت ئىتتايغا: _ بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىلەن يۈرۈۋەرگىن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى.


بارلىق جايلار، ھەتتا جەسەتلەر بىلەن كۈللەر دۆۋىلەنگەن جەنۇبتىكى پۈتۈن جىلغا، شەرقتىكى، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىكى قىدرون جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان ئېتىزلار ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ‹ئات دەرۋازىسى›غىچە بولغان بارلىق جايلار ماڭا بېغىشلانغان بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى مەڭگۈ ۋەيران بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite