Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 بىراق ئىتتاي پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، سىلى بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:21
15 Referans Kwoze  

دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان.


ئايال ئېلىشاغا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


مەن بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق سىلەرنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن. بۇرۇن ئېيتقىنىمدەك، قەلبىمىزدىن شۇنداق ئورۇن ئالدىڭلاركى، بىز سىلەر بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمىز.


لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.


ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن يولغا چىقىشتى.


ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى.


ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە قاراپ يولىنى داۋام قىلدى.


پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ.


داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.


داۋۇت ئىتتايغا: _ بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىلەن يۈرۈۋەرگىن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite