Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلسە، ئابسالوم ئۇنىڭدىن «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ئۇ ئادەم: «پېقىر ئىسرائىلىيەنىڭ پالانى قەبىلىسىدىن» دەپ جاۋاب بەرسە،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 15:2
13 Referans Kwoze  

تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ،


چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە، ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە.


قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق پادىشاھنىڭ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشكەنىدى.


بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرغىن! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.


ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدى. ئۇلار كىچىك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق ماجىرالار بولسا مۇسانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى سوراشتى.


ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا پەيدا بولسا، مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو ئۇنىڭغا: _ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنى كۈتۈپ تۇرسا، ماجىرالارنى ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپ قىلساڭ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن خامور ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:


_ ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋە ھەق تەلەپ دەۋاسى قاتارلىق مۇرەككەپ ۋە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان دەۋالار بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بېرىدىغان ئورۇنغا بېرىڭلار.


مويسىپىتلار: _ ئەگەر سىلى بۇ كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite