17 پادىشاھ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. پادىشاھ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ئۆينىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە توختىدى.
مەن قۇللارنىڭ شاھزادىلەردەك ئات مىنگەنلىكىنى، شاھزادىلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۈم.
غەلىبە قىلدۇرغانىدىڭ ئۈستىمىزدىن دۈشمىنىمىزنى. سەن ئۆزۈڭ سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىزنى، ئاخىرى مولچىلىققا ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمىزنى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئون توقىلىنى قالدۇرۇپ قويدى.
قالغانلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملەر ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار داۋاملىق مېڭىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.